الزمن (0,02790 ثانية)
#2

ترجمة ( فاطر 12 ) في Uughur من طرف Muhammad Saleh - ug


[ وَمَا يَسْتَوِي الْبَحْرَانِ هَذَا عَذْبٌ فُرَاتٌ سَائِغٌ شَرَابُهُ وَهَذَا مِلْحٌ أُجَاجٌ وَمِنْ كُلٍّ تَأْكُلُونَ لَحْمًا طَرِيًّا وَتَسْتَخْرِجُونَ حِلْيَةً تَلْبَسُونَهَا وَتَرَى الْفُلْكَ فِيهِ مَوَاخِرَ لِتَبْتَغُوا مِنْ فَضْلِهِ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ ] - فاطر 12

#3

ترجمة ( البقرة 102 ) في Uughur من طرف Muhammad Saleh - ug

[ ئۇلار سۇلايماننىڭ پادىشاھلىق زامانىدىكى شەيتانلارنىڭ (سېھرىگەرلىكىگە ئائىت) سۆزلىرىگە ئەگەشتى. سۇلايمان (سېھرىگەر بولغىنى ۋە سېھىر ئۆگىنىش بىلەن) كاپىر بولغىنى يوق، لېكىن شەيتانلار كىشىلەرگە سېھىر ئۆگىتىپ كاپىر بولدى. ئۇلار بابىلدىكى ھارۇت - مارۇت دېيىلىدىغان ئىككى پەرىشتىگە نازىل قىلىنغان سېھىرنى ئۈگىتەتتى. (بۇ ئىككى پەرىشتە) بىز كىشىلەرنى سىنايمىز كاپىر بولمىغىن، دېمىگىچە ھېچ كىشىگە سېھىر ئۆگەتمەيتتى. ئۇلار بۇ ئىككىسىدىن ئەر - خوتۇننى بىر - بىرىدىن ئايرىۋېتىدىغان نەرسىلەرنى (يەنى سېھىرگەرلىكنى) ئۆگىنەتتى، ئۇلار (سېھىر ئارقىلىق) اﷲ نىڭ رۇخسىتىسىز ھېچ كىشىگە زىيان يەتكۈزەلمەيتتى. ھالبۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيىنى بار، پايدىسى يوق نەرسىنى ئۆگىنەتتى. يەھۇدىيلار (تەۋراتنى تاشلاپ) سېھىرنى سېتىۋالغۇچىغا ئاخىرەتتە (اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن ۋە جەننىتىدىن) ھېچ نېسىۋە يوق ئىكەنلىكىنى ئوبدان بېلەتتى، ئۇلار جانلىرىنىڭ بەدىلىگە سېتىۋالغان نەرسىسىنىڭ (يەنى ئۆزلىرى ئۈچۈن سېھىر ئۆگىنىشنى تاللىشىنىڭ) ئەجەبمۇ يامان ئىش ئىكەنلىكىنى كاشكى بىلسە ئىدى ] - ترجمة ( Al-Baqarah 102 )

[ وَاتَّبَعُوا مَا تَتْلُو الشَّيَاطِينُ عَلَى مُلْكِ سُلَيْمَانَ وَمَا كَفَرَ سُلَيْمَانُ وَلَكِنَّ الشَّيَاطِينَ كَفَرُوا يُعَلِّمُونَ النَّاسَ السِّحْرَ وَمَا أُنْزِلَ عَلَى الْمَلَكَيْنِ بِبَابِلَ هَارُوتَ وَمَارُوتَ وَمَا يُعَلِّمَانِ مِنْ أَحَدٍ حَتَّى يَقُولَا إِنَّمَا نَحْنُ فِتْنَةٌ فَلَا تَكْفُرْ فَيَتَعَلَّمُونَ مِنْهُمَا مَا يُفَرِّقُونَ بِهِ بَيْنَ الْمَرْءِ وَزَوْجِهِ وَمَا هُمْ بِضَارِّينَ بِهِ مِنْ أَحَدٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ وَيَتَعَلَّمُونَ مَا يَضُرُّهُمْ وَلَا يَنْفَعُهُمْ وَلَقَدْ عَلِمُوا لَمَنِ اشْتَرَاهُ مَا لَهُ فِي الْآخِرَةِ مِنْ خَلَاقٍ وَلَبِئْسَ مَا شَرَوْا بِهِ أَنْفُسَهُمْ لَوْ كَانُوا يَعْلَمُونَ ] - البقرة 102

#4

ترجمة ( النساء 11 ) في Uughur من طرف Muhammad Saleh - ug

[ اﷲ بالىلىرىڭلار (غا تېگىدىغان مىراس) ھەققىدە تەۋسىيە قىلىدۇكى، بىر ئەرگە ئىككى ئايالنىڭ ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ قىزى (ئىككى ياكى) ئىككىدىن كۆپ بولسا، ئۇ چاغدا ئۇلارغا مىراسنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسى تېگىدۇ، ئەگەر (ۋارىس) بىر قىز بولىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا مىراسنىڭ يېرىمى تېگىدۇ، ئەگەر مېيىتنىڭ بالىلىرى بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ ھەر بىرىگە مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ بالىلىرى بولماي مىراسقا پەقەت ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى ۋارىسلىق قىلىدىغان بولسا، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسىغا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنى ئاتىسىغا تېگىدۇ). ئەگەر مېيىتنىڭ (ئاتا - ئانىسىدىن باشقا يەنە) قېرىنداشلىرى بولسا، ئانىسىغا مىراسنىڭ ئالتىدىن بىرى تېگىدۇ (قالغىنىنى ئاتىسى ئالىدۇ). (بۇ تەقسىمات) مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى ئورۇنلانغان ۋە قەرزى تۆلىنىپ بولغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاتا - ئاناڭلار ۋە بالىلىرىڭلاردىن (يەنى بۇ ئىككىسىدىن) قايسىسىنىڭ مەنپەئەت جەھەتتىن ئۆزۈڭلارغا ئەڭ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىلەر، بۇلار اﷲ تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر. اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ] - ترجمة ( An-Nisa' 11 )

[ يُوصِيكُمُ اللَّهُ فِي أَوْلَادِكُمْ لِلذَّكَرِ مِثْلُ حَظِّ الْأُنْثَيَيْنِ فَإِنْ كُنَّ نِسَاءً فَوْقَ اثْنَتَيْنِ فَلَهُنَّ ثُلُثَا مَا تَرَكَ وَإِنْ كَانَتْ وَاحِدَةً فَلَهَا النِّصْفُ وَلِأَبَوَيْهِ لِكُلِّ وَاحِدٍ مِنْهُمَا السُّدُسُ مِمَّا تَرَكَ إِنْ كَانَ لَهُ وَلَدٌ فَإِنْ لَمْ يَكُنْ لَهُ وَلَدٌ وَوَرِثَهُ أَبَوَاهُ فَلِأُمِّهِ الثُّلُثُ فَإِنْ كَانَ لَهُ إِخْوَةٌ فَلِأُمِّهِ السُّدُسُ مِنْ بَعْدِ وَصِيَّةٍ يُوصِي بِهَا أَوْ دَيْنٍ آبَاؤُكُمْ وَأَبْنَاؤُكُمْ لَا تَدْرُونَ أَيُّهُمْ أَقْرَبُ لَكُمْ نَفْعًا فَرِيضَةً مِنَ اللَّهِ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَلِيمًا حَكِيمًا ] - النساء 11