Runtime (0.02267 seconds)
#544

Interpretation of ( An-Nisa' 102 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ (ئى مۇھەممەد!) سەن مۆمىنلەر بىلەن (جىھادقا) بىللە بولۇپ ئۇلار بىلەن ناماز ئوقۇماقچى بولغىنىڭدا، ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسى سەن بىلەن بىرلىكتە نامازغا تۇرسۇن، قوراللىرىنى (ئېھتىيات يۈزىسىدىن) يېنىدا تۇتسۇن، سەجدىگە بېرىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار ئارقاڭلارغا ئۆتۈپ تۇرسۇن (يەنى ناماز ئوقۇپ بولغان پىرقە ئارقاڭلاردا كۆزەتچىلىك قىلىپ تۇرسۇن، ئۇلارنىڭ ئورنىغا) ناماز ئوقۇمىغان ئىككىنچى بىر پىرقە كېلىپ سەن بىلەن بىرلىكتە (يەنى ئارقاڭدا) ناماز ئوقۇسۇن، (دۈشمەنلىرىدىن) ئېھتىياجلىق بىلەن ھوشيار تۇرسۇن. (دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا تەييار تۇرۇش يۈزىسىدىن) قوراللىرىنى يېنىدا تۇتسۇن، كاپىرلار سىلەرنىڭ قوراللىرىڭلاردىن، ئەشيالىرىڭلاردىن غەپلەتتە قېلىشىڭلارنى، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە بىردىنلا (تۇيۇقسىزدىن) ھۇجۇم قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەرنىڭ سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالماسلىقى ئۈچۈن، ھەممەڭلار بىرلا ۋاقىتتا يىغىلىپ ناماز ئوقۇماي، يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە ئوقۇڭلار). ئەگەر سىلەرگە يامغۇر سەۋەبلىك ھەرەج بولىدىغان بولسا ياكى كېسەل بولساڭلار، (بۇ چاغدا) قوراللىرىڭلارنى قويۇپ قويساڭلار سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئېھتىياتچان ۋە ھوشيار بولۇڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن كاپىرلار ئۈچۈن خور قىلغۇچى ئازاب تەييارلىدى ] - Interpretation of ( An-Nisa' 102 )

[ وَإِذَا كُنْتَ فِيهِمْ فَأَقَمْتَ لَهُمُ الصَّلَاةَ فَلْتَقُمْ طَائِفَةٌ مِنْهُمْ مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا أَسْلِحَتَهُمْ فَإِذَا سَجَدُوا فَلْيَكُونُوا مِنْ وَرَائِكُمْ وَلْتَأْتِ طَائِفَةٌ أُخْرَى لَمْ يُصَلُّوا فَلْيُصَلُّوا مَعَكَ وَلْيَأْخُذُوا حِذْرَهُمْ وَأَسْلِحَتَهُمْ وَدَّ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْ تَغْفُلُونَ عَنْ أَسْلِحَتِكُمْ وَأَمْتِعَتِكُمْ فَيَمِيلُونَ عَلَيْكُمْ مَيْلَةً وَاحِدَةً وَلَا جُنَاحَ عَلَيْكُمْ إِنْ كَانَ بِكُمْ أَذًى مِنْ مَطَرٍ أَوْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَنْ تَضَعُوا أَسْلِحَتَكُمْ وَخُذُوا حِذْرَكُمْ إِنَّ اللَّهَ أَعَدَّ لِلْكَافِرِينَ عَذَابًا مُهِينًا ] - النساء 102

#545

Interpretation of ( Al-Baqarah 196 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ ھەج بىلەن ئۆمرەنى اﷲ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (يەنى بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (بېشىنى چۈشۈرمىسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر ] - Interpretation of ( Al-Baqarah 196 )

[ وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ وَلَا تَحْلِقُوا رُءُوسَكُمْ حَتَّى يَبْلُغَ الْهَدْيُ مَحِلَّهُ فَمَنْ كَانَ مِنْكُمْ مَرِيضًا أَوْ بِهِ أَذًى مِنْ رَأْسِهِ فَفِدْيَةٌ مِنْ صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَمَنْ تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ ذَلِكَ لِمَنْ لَمْ يَكُنْ أَهْلُهُ حَاضِرِي الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ ] - البقرة 196

#541

Interpretation of ( Al Imran 73 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن. پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول اﷲ نىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار بى - بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىدىن قورقۇپ) پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار (دىنىڭلاردا بولمىغان ھېچ ئادەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلماڭلار. ئەگەر سىلەر مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىقرار قىلىپ ئۇنىڭ دىنىغا كىرمىسەڭلار، بۇ قىيامەت كۈنى سىلەرگە قارشى پاكىت بولىدۇ). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل - كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر. اﷲ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». اﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (اﷲ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ] - Interpretation of ( Al Imran 73 )

[ وَلَا تُؤْمِنُوا إِلَّا لِمَنْ تَبِعَ دِينَكُمْ قُلْ إِنَّ الْهُدَى هُدَى اللَّهِ أَنْ يُؤْتَى أَحَدٌ مِثْلَ مَا أُوتِيتُمْ أَوْ يُحَاجُّوكُمْ عِنْدَ رَبِّكُمْ قُلْ إِنَّ الْفَضْلَ بِيَدِ اللَّهِ يُؤْتِيهِ مَنْ يَشَاءُ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ ] - آل عمران 73

#542

Interpretation of ( Al Imran 72 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ ئەھلى كىتابتىن بىر تۈركۈمى: «مۆمىنلەرگە نازىل قىلىنغان ۋەھيىگە ئەتىگەندە ئىمان ئېيتىڭلار، كەچقۇرۇنلۇقى يېنىۋېلىڭلار، (شۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار (ئىماندىن) قايتىشى مۇمكىن. پەقەت سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگەشكەنلەرگىلا ئىشىنىڭلار» دېدى. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «توغرا يول اﷲ نىڭ يولىدۇر». (يەھۇدىيلار بى - بىرىگە ئېيتىدۇ) بىرەرسىگە سىلەرگە بېرىلگەنگە ئوخشاش ۋەھىي بېرىلىشتىن ياكى ئۇلارنىڭ (يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ) (قىيامەت كۈنى) پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىدا سىلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىشىدىن (يەنى مۇنازىرىلىشىپ سىلەرنى يېڭىپ قويۇشىدىن قورقۇپ) پەقەت دىنىڭلارغا ئەگەشكەن ئادەمگىلا ئىشىنىڭلار (دىنىڭلاردا بولمىغان ھېچ ئادەمنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئېتىراپ قىلماڭلار. ئەگەر سىلەر مۇھەممەدنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىقرار قىلىپ ئۇنىڭ دىنىغا كىرمىسەڭلار، بۇ قىيامەت كۈنى سىلەرگە قارشى پاكىت بولىدۇ). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «پەزل - كەرەم (يەنى پەيغەمبەرلىك) اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر. اﷲ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ». اﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (اﷲ) ھەممىنى بىلگۈچىدۇر ] - Interpretation of ( Al Imran 72 )

[ وَقَالَتْ طَائِفَةٌ مِنْ أَهْلِ الْكِتَابِ آمِنُوا بِالَّذِي أُنْزِلَ عَلَى الَّذِينَ آمَنُوا وَجْهَ النَّهَارِ وَاكْفُرُوا آخِرَهُ لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ ] - آل عمران 72

#543

Interpretation of ( Al-Hajj 5 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ ئى ئىنسانلار! ئەگەر سىلەر قايتا تىرىلىشتىن شەكلەنسەڭلار (گۇمانىڭلارنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن ئەسلىدىكى يارىتىلىشىڭلارغا قاراڭلار)، بىز سىلەرگە (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاتاڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى (ئالدى بىلەن) ئابىمەنىيدىن، ئاندىن لەختە قاندىن، ئاندىن شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ۋە كىرگۈزۈلمىگەن پارچە گۆشتىن ياراتتۇق. بىز خالىغان ئادەمنى بەچچىداندان مۇئەييەن مۇددەتكىچە قالدۇرىمىز، ئاندىن سىلەرنى (ئاناڭلارنىڭ قارنىدىن) بوۋاقلىق ھالىتىڭلاردا چىقىرىمىز (ئاندىن سىلەرنى ئاستا - ئاستا كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدۇرىمىز)، سىلەر (كامالەت يېشى) قىران ۋاقتىڭلارغا يېتىسىلەر، بەزىڭلار ياشلىقىڭلاردا ۋاپات بولۇپ كېتىسىلەر، بەزىڭلار، (ئىلگىرى) بىلگەندىن كېيىن ھېچ نەرسىنى بىلمەس ھالىتىڭلارغا قايتۇرۇلۇشىڭلار ئۈچۈن، ناھايىتى قېرىپ كەتكۈچە (ھايات) قالدۇرۇلىسىلەر، (اﷲ تائالانىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان يەنە بىر دەلىل شۇكى) سەن زېمىننى قاقاس كۆرۈسەن، ئۇنىڭغا بىز يامغۇر ياغدۇرساق ئۇ جانلىنىدۇ ۋە كۆپۈشىدۇ، تۈرلۈك چىرايلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈرۈپ بېرىدۇ ] - Interpretation of ( Al-Hajj 5 )

[ يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنْ كُنْتُمْ فِي رَيْبٍ مِنَ الْبَعْثِ فَإِنَّا خَلَقْنَاكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ مِنْ نُطْفَةٍ ثُمَّ مِنْ عَلَقَةٍ ثُمَّ مِنْ مُضْغَةٍ مُخَلَّقَةٍ وَغَيْرِ مُخَلَّقَةٍ لِنُبَيِّنَ لَكُمْ وَنُقِرُّ فِي الْأَرْحَامِ مَا نَشَاءُ إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى ثُمَّ نُخْرِجُكُمْ طِفْلًا ثُمَّ لِتَبْلُغُوا أَشُدَّكُمْ وَمِنْكُمْ مَنْ يُتَوَفَّى وَمِنْكُمْ مَنْ يُرَدُّ إِلَى أَرْذَلِ الْعُمُرِ لِكَيْلَا يَعْلَمَ مِنْ بَعْدِ عِلْمٍ شَيْئًا وَتَرَى الْأَرْضَ هَامِدَةً فَإِذَا أَنْزَلْنَا عَلَيْهَا الْمَاءَ اهْتَزَّتْ وَرَبَتْ وَأَنْبَتَتْ مِنْ كُلِّ زَوْجٍ بَهِيجٍ ] - الحج 5