Duración (0,01291 segundos)
#311

Interpretation of ( Ibrahim 22 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ ئىش پۈتكەندە (يەنى ھېساب تۈگەپ، جەننەتىلەر بىلەن دوزىخىلار ئايرىلىپ بولغاندا)، شەيتان: «اﷲ ھەقىقەتەن سىلەرگە (ئىتائەت قىلغۇچىنى مۇكاپاتلاش، ئاسىيلىق قىلغۇچىنى جازالاشتىن ئىبارەت) راست ۋەدىنى قىلغان ئىدى، (ۋەدىسىگە ۋاپا قىلدى). مەن سىلەرگە (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ساۋاب، جازا دېگەنلەر يوق، دەپ يالغان) ۋەدە قىلغان ئىدىم، (ۋەدەمگە) خىلاپلىق قىلدىم، سىلەرگە مېنىڭ (كۇفرىغا، گۇناھقا زورلىغۇدەك) ھۆكۈمرانلىقىم بولغىنى يوق، مەن سىلەرنى پەقەت (گۇمراھلىققا) دەۋەت قىلدىم، سىلەر (دەۋىتىمنى) قوبۇل قىلدىڭلار، شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ئەيىبلىمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبلەڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم بېرىپ سىلەرنى قۇتقۇزالمايمەن، سىلەرمۇ ماڭا ياردەم بېرىپ مېنى قۇتقۇزالمايسىلەر، مەن سىلەرنىڭ بۇرۇن مېنى اﷲ قا (ئىبادەتتە) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايمەن، شۈبھىسىزكى، زالىملار چوقۇم قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ» دەيدۇ ] - Interpretation of ( Ibrahim 22 )

[ وَقَالَ الشَّيْطَانُ لَمَّا قُضِيَ الْأَمْرُ إِنَّ اللَّهَ وَعَدَكُمْ وَعْدَ الْحَقِّ وَوَعَدْتُكُمْ فَأَخْلَفْتُكُمْ وَمَا كَانَ لِيَ عَلَيْكُمْ مِنْ سُلْطَانٍ إِلَّا أَنْ دَعَوْتُكُمْ فَاسْتَجَبْتُمْ لِي فَلَا تَلُومُونِي وَلُومُوا أَنْفُسَكُمْ مَا أَنَا بِمُصْرِخِكُمْ وَمَا أَنْتُمْ بِمُصْرِخِيَّ إِنِّي كَفَرْتُ بِمَا أَشْرَكْتُمُونِ مِنْ قَبْلُ إِنَّ الظَّالِمِينَ لَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ ] - إبراهيم 22

#312

Interpretation of ( An-Nur 61 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ (جىھادقا چىقالمىسا) ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. (ئى ئىنسانلار!) سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا (يەنى ئەرلىرىڭلارنىڭ، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە) ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداىشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە (يەنى ئۆي ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئۆي بىلەن ئاچقۇچنى سىلەرگە تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە)، يا دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە (ئىجازەتسىز) بىرەر نېمە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، سىلەر توپلىشىپ يېسەڭلارمۇ، يا يەككە يېسەڭلارمۇ گۇناھ يوقتۇر، سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) اﷲ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار، (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار) اﷲ سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ ] - Interpretation of ( An-Nur 61 )

[ لَيْسَ عَلَى الْأَعْمَى حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْمَرِيضِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى أَنْفُسِكُمْ أَنْ تَأْكُلُوا مِنْ بُيُوتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ آبَائِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أُمَّهَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ إِخْوَانِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخَوَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَعْمَامِكُمْ أَوْ بُيُوتِ عَمَّاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخْوَالِكُمْ أَوْ بُيُوتِ خَالَاتِكُمْ أَوْ مَا مَلَكْتُمْ مَفَاتِحَهُ أَوْ صَدِيقِكُمْ لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَأْكُلُوا جَمِيعًا أَوْ أَشْتَاتًا فَإِذَا دَخَلْتُمْ بُيُوتًا فَسَلِّمُوا عَلَى أَنْفُسِكُمْ تَحِيَّةً مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُبَارَكَةً طَيِّبَةً كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ ] - النور 61

#313

Interpretation of ( An-Nisa' 171 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug


[ يَا أَهْلَ الْكِتَابِ لَا تَغْلُوا فِي دِينِكُمْ وَلَا تَقُولُوا عَلَى اللَّهِ إِلَّا الْحَقَّ إِنَّمَا الْمَسِيحُ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ رَسُولُ اللَّهِ وَكَلِمَتُهُ أَلْقَاهَا إِلَى مَرْيَمَ وَرُوحٌ مِنْهُ فَآمِنُوا بِاللَّهِ وَرُسُلِهِ وَلَا تَقُولُوا ثَلَاثَةٌ انْتَهُوا خَيْرًا لَكُمْ إِنَّمَا اللَّهُ إِلَهٌ وَاحِدٌ سُبْحَانَهُ أَنْ يَكُونَ لَهُ وَلَدٌ لَهُ مَا فِي السَّمَاوَاتِ وَمَا فِي الْأَرْضِ وَكَفَى بِاللَّهِ وَكِيلًا ] - النساء 171

#314

Interpretation of ( Al-Ma'idah 41 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئەھبارلىرى ئوقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ، ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى جايلىرىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، اﷲ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن اﷲ قا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى اﷲ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ ] - Interpretation of ( Al-Ma'idah 41 )

[ يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِنْ قُلُوبُهُمْ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِنْ بَعْدِ مَوَاضِعِهِ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَذَا فَخُذُوهُ وَإِنْ لَمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا وَمَنْ يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَنْ تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا أُولَئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَنْ يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ ] - المائدة 41

#315

Interpretation of ( Al Imran 154 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ غەمدىن كېيىن اﷲ سىلەرگە ئەمىنلىك چۈشۈرۈپ بەردى، سىلەرنىڭ بىر قىسمىڭلارنى (يەنى ھەقىقىي مۆمىنلەرنى) مۈگدەك باستى، يەنە بىر قىسمىڭلار (يەنى مۇناپىقلار) ئۆزلىرى بىلەن بولۇپ كەتتى (يەنى كۇففارلار قايتا ھۇجۇم قىلارمۇ، دەپ جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى)، بۇلار، جاھىلىيەت دەۋرى كىشىلىرىگە ئوخشاش، اﷲ قا قارىتا ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى، ئۇلار: «بىزگە اﷲ ۋەدە قىلغان غەلىبىدىن نېسىۋە بارمۇ؟» دەيدۇ. ئېيتىقىنكى، «ھەممە ئىش ھەقىقەتەن اﷲ نىڭ ئىلكىدە». ئۇلار ساڭا ئاشكارا قىلمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىدە يوشۇرۇشىدۇ؛ ئۇلار: «ئەگەر بىزگە غەلىبىدىن ئازراق نېسىۋە بولسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرەلمەيتتۇق» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان تەقدىردىمۇ (ئاراڭلاردىكى) ئۆلتۈرۈلۈشى پۈتۈۋېتىلگەن كىشىلەر چوقۇم ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىدىغان جايلىرىغا بېرىشىدۇ (اﷲ نىڭ قازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ). (اﷲ نىڭ مۇنداق قىلىشى) كۆڭلۈڭلاردىكىنى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى نەرسىلەرنى پاكلاش ئۈچۈندۇر. اﷲ كۆڭۈللەردىكىنى (ياخشىلىق بولسۇن، يامانلىق بولسۇن) بىلگۈچىدۇر» ] - Interpretation of ( Al Imran 154 )

[ ثُمَّ أَنْزَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ بَعْدِ الْغَمِّ أَمَنَةً نُعَاسًا يَغْشَى طَائِفَةً مِنْكُمْ وَطَائِفَةٌ قَدْ أَهَمَّتْهُمْ أَنْفُسُهُمْ يَظُنُّونَ بِاللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ ظَنَّ الْجَاهِلِيَّةِ يَقُولُونَ هَلْ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ مِنْ شَيْءٍ قُلْ إِنَّ الْأَمْرَ كُلَّهُ لِلَّهِ يُخْفُونَ فِي أَنْفُسِهِمْ مَا لَا يُبْدُونَ لَكَ يَقُولُونَ لَوْ كَانَ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ مَا قُتِلْنَا هَاهُنَا قُلْ لَوْ كُنْتُمْ فِي بُيُوتِكُمْ لَبَرَزَ الَّذِينَ كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقَتْلُ إِلَى مَضَاجِعِهِمْ وَلِيَبْتَلِيَ اللَّهُ مَا فِي صُدُورِكُمْ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمْ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ ] - آل عمران 154

#316

Interpretation of ( Al-Baqarah 259 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ ياكى سەن تام، ئۆگزىلىرى يىقىلىپ ۋەيران بولغان (خارابە) شەھەر (يەنى بەيتۇلمۇقەددەس) دىن ئۆتكەن كىشىنى (يەنى ئۇزەيرنى) كۆرمىدىڭمۇ؟ ئۇ (ئەجەبلىنىپ): «اﷲ بۇ شەھەرنىڭ ئۆلگەن ئاھالىسىنى قانداق تىرىلدۈرەر؟» دېدى. اﷲ ئۇنى يۈز يىل ئۆلۈك ھالىتىدە تۇرغۇزۇپ ئاندىن (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن) تىرىلدۈردى. اﷲ (پەرىشتە ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن: «(بۇ ھالەتتە) قانچىلىك تۇردۇڭ؟» دەپ سورىدى. ئۇ: «بىر كۈن ياكى بىر كۈنگە يەتمەيدىغان ۋاقىت تۇردۇم» دېدى. اﷲ ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس، (تولۇق) 100 يىل تۇردۇڭ! يېمەك ئىچمىكىڭگە قارىغىنكى، بۇزۇلمىغان؛ ئېشىكىڭگە قارىغىنكى (ئۇنىڭ سۆڭەكلىرى چىرىپ كەتكەن). (ساڭا يۇقىرىقىدەك ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى قىلغانلىقىمىز) سېنى بىز كىشىلەرگە (قۇدرىتىمىزنىڭ) دەلىلى قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ سۆڭەكلەرگە قارىغىنكى، ئۇنى قانداق قۇراشتۇرىمىز، ئاندىن ئۇنىڭغا گۆش قوندۇرىمىز. (يۇقىرىقى ئىشلار) ئۇنىڭغا ئېنىق بولغان چاغدا (يەنى ئۇ روشەن مۆجىزىلەرنى كۆرگەن چاغدا)، ئۇ: «مەن اﷲ نىڭ ھەممە نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى بىلدىم» دېدى ] - Interpretation of ( Al-Baqarah 259 )

[ أَوْ كَالَّذِي مَرَّ عَلَى قَرْيَةٍ وَهِيَ خَاوِيَةٌ عَلَى عُرُوشِهَا قَالَ أَنَّى يُحْيِي هَذِهِ اللَّهُ بَعْدَ مَوْتِهَا فَأَمَاتَهُ اللَّهُ مِائَةَ عَامٍ ثُمَّ بَعَثَهُ قَالَ كَمْ لَبِثْتَ قَالَ لَبِثْتُ يَوْمًا أَوْ بَعْضَ يَوْمٍ قَالَ بَلْ لَبِثْتَ مِائَةَ عَامٍ فَانْظُرْ إِلَى طَعَامِكَ وَشَرَابِكَ لَمْ يَتَسَنَّهْ وَانْظُرْ إِلَى حِمَارِكَ وَلِنَجْعَلَكَ آيَةً لِلنَّاسِ وَانْظُرْ إِلَى الْعِظَامِ كَيْفَ نُنْشِزُهَا ثُمَّ نَكْسُوهَا لَحْمًا فَلَمَّا تَبَيَّنَ لَهُ قَالَ أَعْلَمُ أَنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ ] - البقرة 259