Temps d'exécution (0,00404 secondes)
#21

Interprétation de ( Al-Ma'idah 6 ) dans Uughur par Muhammad Saleh - ug

[ ئى مۆمىنلەر! (سىلەر تاھارەتسىز بولۇپ) ناماز (ئوقۇماقچى بولۇپ) تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، ئەگەر جۇنۇپ بولساڭلار پاكلىنىڭلار (يەنى غۇسلى قىلىڭلار)، ئەگەر كېسەل بولساڭلار (سۇ زىيان قىلىدىغان بولسا)، ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (سۇ تاپالمىساڭلار)، ياكى سىلەرنىڭ بىرسىڭلار ھاجەتخانىدىن كەلگەن (يەنى تاھارەت سۇندۇرغان) بولساڭلار، ياكى ئاياللىرىڭلار بىلەن يېقىنچىلىق قىلغاندىن كېيىن (غۇسلى تاھارەت ئۈچۈن) سۇ تاپالمىساڭلار، پاك تۇپراقتا تەيەممۇم قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىلەن يۈزۈڭلارغا، قولۇڭلارغا مەسھى قىلىڭلار، اﷲ سىلەرگە سىلەرگە مۇشەققەتنى خالىمايدۇ، لېكىن اﷲ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پاك قىلىشنى، (ئىسلام شەرىئىتىنى بايان قىلىش بىلەن) نېمىتىنى سىلەرگە تاماملاشنى خالايدۇ ] - Interprétation de ( Al-Ma'idah 6 )

[ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلَاةِ فَاغْسِلُوا وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُوا بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَيْنِ وَإِنْ كُنْتُمْ جُنُبًا فَاطَّهَّرُوا وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ مِنْهُ مَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ حَرَجٍ وَلَكِنْ يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ ] - المائدة 6

#22

Interprétation de ( Al-Baqarah 196 ) dans Uughur par Muhammad Saleh - ug

[ ھەج بىلەن ئۆمرەنى اﷲ ئۈچۈن تولۇق ئورۇنلاڭلار، ئەگەر (دۈشمەن ياكى كېسەللىك سەۋەبىدىن) ھەجنى ياكى ئۆمرەنى ئادا قىلىشتا توسقۇنلۇققا ئۇچرىساڭلار، ئۇ ھالدا نېمە ئوڭاي بولسا (يەنى تۆگە، كالا، قويدىن نېمىنى تاپالىساڭلار)، شۇنى قۇربانلىق قىلىڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان مال جايىغا (يەنى بەلگىلەنگەن جايغا) يەتمىگىچە بېشىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، سىلەردىن كىمكى كېسەل (يەنى چېچىنى چۈشۈرسە زىيان قىلىدىغان كېسەل) ياكى بېشىدا ئىللەت (يەنى باش ئاغرىقى، پىتقا ئوخشاشلار) بولۇپ (بېشىنى چۈشۈرمىسە)، فىدىيە قىلىش يۈزىسىدىن (ئۈچ كۈن) روزا تۇتسۇن، ياكى (ئالتە مىسكىنگە ئۈچ سا) سەدىقە بەرسۇن، ياكى (بىرەر مال) قۇربانلىق قىلسۇن، ئەمىنلىكتە بولغان چېغىڭلاردا (ئاراڭلاردىن) ئۆمرە قىلغاندىن كېيىن ھەج قىلىشتىن بەھرىمەن بولغان ئادەم (يەنى ھەجدىن بۇرۇن ئۆمرە قىلىپ تاماملىغان ئادەم) نېمە ئوڭاي بولسا، شۇنى قۇربانلىق قىلسۇن، (پۇلى يوقلۇقتىن ياكى قۇربانلىق مال يوقلۇقىدىن قۇربانلىق مال) تاپالمىغان ئادەم ھەج جەريانىدا ئۈچ كۈن روزا تۇتسۇن، (ھەجدىن) قايتقاندىن كېيىن يەتتە كۈن روزا تۇتسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسى ئون كۈن بولىدۇ. مانا بۇ (يەنى ئۆمرە قىلغان ئادەمگە قۇربانلىق قىلىش لازىملىقى ياكى روزا تۇتۇش ھەققىدىكى ھۆكۈم) مەسجىدى ھەرەم دائىرىسىدە (يەنى ھەرەمدە) ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈندۇر. اﷲ قا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، بىلىڭلاركى، اﷲ نىڭ ئازابى قاتتىقتۇر ] - Interprétation de ( Al-Baqarah 196 )

[ وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ فَإِنْ أُحْصِرْتُمْ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ وَلَا تَحْلِقُوا رُءُوسَكُمْ حَتَّى يَبْلُغَ الْهَدْيُ مَحِلَّهُ فَمَنْ كَانَ مِنْكُمْ مَرِيضًا أَوْ بِهِ أَذًى مِنْ رَأْسِهِ فَفِدْيَةٌ مِنْ صِيَامٍ أَوْ صَدَقَةٍ أَوْ نُسُكٍ فَإِذَا أَمِنْتُمْ فَمَنْ تَمَتَّعَ بِالْعُمْرَةِ إِلَى الْحَجِّ فَمَا اسْتَيْسَرَ مِنَ الْهَدْيِ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ ثَلَاثَةِ أَيَّامٍ فِي الْحَجِّ وَسَبْعَةٍ إِذَا رَجَعْتُمْ تِلْكَ عَشَرَةٌ كَامِلَةٌ ذَلِكَ لِمَنْ لَمْ يَكُنْ أَهْلُهُ حَاضِرِي الْمَسْجِدِ الْحَرَامِ وَاتَّقُوا اللَّهَ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ ] - البقرة 196