Masa Jalan (0.01994 saat)
#481

Tafsiran ( Al-Ma'idah 41 ) dalam Uughur oleh Muhammad Saleh - ug

[ ئى پەيغەمبەر! دىللىرىدا ئىشەنمەي، ئېغىزلىرىدا: «ئىمان ئېيتتۇق» دەپ قويىدىغانلار (يەنى مۇناپىقلار) دىن ۋە يەھۇدىيلاردىن كۇفرىغا (پۇرسەت تاپسىلا كۇفرىنى ئىزھار قىلىشقا) ئالدىرايدىغان كىشىلەر سېنى غەمكىن قىلمىسۇن، ئۇلار (ئەھبارلىرى ئوقۇغان) يالغانغا قۇلاق سالىدۇ، ساڭا كەلمىگەن (يەنى ئۆچلۈك قىلىپ سېنىڭ سۆھبىتىڭگە ھازىر بولمىغان) باشقا بىر قەۋمگە (يەنى خەيبەر يەھۇدىيلىرىنىڭ سۆزىگە) قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار (تەۋراتنىڭ) سۆزلىرىنى جايلىرىدىن ئۆزگەرتىۋېتىدۇ (يەنى اﷲ نىڭ ئەھكاملىرىنى باشقىلارغا ئالماشتۇرۇۋېتىدۇ). ئۇلار: «ئەگەر سىلەرگە بۇ (ھۆكۈم) بېرىلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار، ئەگەر ئۇ بېرىلمىسە قوبۇل قىلماڭلار» دەيدۇ، اﷲ بىركىمنىڭ گۇمراھلىقىنى ئىرادە قىلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچۈن اﷲ قا قارشى قولۇڭدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ (يەنى ھېچ ئادەم ئۇنىڭدىن گۇمراھلىقنى دەپئى قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ). دىللىرىنى (قىلمىشى قەبىھ بولغانلىقتىن كۇفرىدىن) پاك قىلىشنى اﷲ خالىمىغان كىشىلەر ئەنە شۇلاردۇر، ئۇلار دۇنيادا رەسۋالىققا، ئاخىرەتتە چوڭ ئازابقا قالىدۇ ] - Tafsiran ( Al-Ma'idah 41 )

[ يَا أَيُّهَا الرَّسُولُ لَا يَحْزُنْكَ الَّذِينَ يُسَارِعُونَ فِي الْكُفْرِ مِنَ الَّذِينَ قَالُوا آمَنَّا بِأَفْوَاهِهِمْ وَلَمْ تُؤْمِنْ قُلُوبُهُمْ وَمِنَ الَّذِينَ هَادُوا سَمَّاعُونَ لِلْكَذِبِ سَمَّاعُونَ لِقَوْمٍ آخَرِينَ لَمْ يَأْتُوكَ يُحَرِّفُونَ الْكَلِمَ مِنْ بَعْدِ مَوَاضِعِهِ يَقُولُونَ إِنْ أُوتِيتُمْ هَذَا فَخُذُوهُ وَإِنْ لَمْ تُؤْتَوْهُ فَاحْذَرُوا وَمَنْ يُرِدِ اللَّهُ فِتْنَتَهُ فَلَنْ تَمْلِكَ لَهُ مِنَ اللَّهِ شَيْئًا أُولَئِكَ الَّذِينَ لَمْ يُرِدِ اللَّهُ أَنْ يُطَهِّرَ قُلُوبَهُمْ لَهُمْ فِي الدُّنْيَا خِزْيٌ وَلَهُمْ فِي الْآخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ ] - المائدة 41

#482

Tafsiran ( An-Nisa' 92 ) dalam Uughur oleh Muhammad Saleh - ug

[ مۆمىن ئادەمنىڭ مۆمىن ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئەمەس، قەستەن ئۆلتۈرۈشى ھېچ دۇرۇس ئەمەس، كىمكى بىرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلىشى كېرەك، ئۇلار (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرى) دىيەتنى كەچۈرۈم قىلسام (شۇنىڭ بىلەن قاتىل ئۇنى) تۆلىمىسە ھېچ باك يوق، ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۆمىن سىلەرگە دۈشمەن (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، بۇ چاغدا ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىر نەپەر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم (دىيەت كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى مۇسۇلمان بولمىغاچقا ئۇنىڭغا ۋارىس بولمايدۇ)، ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا مۇئاھىدە بولغان (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلەش ۋە بىر نەپەر قۇلنى ئازاد قىلىش كېرەك، ئازاد قىلىدىغان قۇل تاپالمىغان ئادەم (يەنى قۇل ئازاد قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئادەم) (تەۋبىسىنى اﷲ نىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن) ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. اﷲ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر ] - Tafsiran ( An-Nisa' 92 )

[ وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ أَنْ يَقْتُلَ مُؤْمِنًا إِلَّا خَطَأً وَمَنْ قَتَلَ مُؤْمِنًا خَطَأً فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ وَدِيَةٌ مُسَلَّمَةٌ إِلَى أَهْلِهِ إِلَّا أَنْ يَصَّدَّقُوا فَإِنْ كَانَ مِنْ قَوْمٍ عَدُوٍّ لَكُمْ وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ وَإِنْ كَانَ مِنْ قَوْمٍ بَيْنَكُمْ وَبَيْنَهُمْ مِيثَاقٌ فَدِيَةٌ مُسَلَّمَةٌ إِلَى أَهْلِهِ وَتَحْرِيرُ رَقَبَةٍ مُؤْمِنَةٍ فَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَصِيَامُ شَهْرَيْنِ مُتَتَابِعَيْنِ تَوْبَةً مِنَ اللَّهِ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا ] - النساء 92

#483

Tafsiran ( Al-Muzzammil 20 ) dalam Uughur oleh Muhammad Saleh - ug

[ (ئى مۇھەممەد!) شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغانلارنىڭ (يەنى ساھابىلەر) دىن بىر توپ ئادەمنىڭ (تەھەججۇد نامىزى ئۈچۈن) كېچىنىڭ ئۈچتىن ئىككى ھەسسىسىدە، يېرىمىدا ۋە ئۈچتىن بىر ھەسسىسىدە تۇرىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ (ئۇزۇنلۇقى) نى اﷲ ئالدىنئالا بەلگىلەيدۇ، سىلەرنىڭ ئۇنى ھېسابلاپ بولالمايدىغانلىقىڭلارنى اﷲ بىلىدۇ، اﷲ سىلەرگە رەھىم قىلدى (يەنى كېچىدە تەھەججۇد نامىزى ئوقۇشنىڭ پەرزلىكىنى) ئەمەلدىن قالدۇردى، تەھەججۇد نامىزىدىن سىلەرگە قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، اﷲ بىلىدۇكى، بەزىڭلار كېسەل بولۇپ قالىسىلەر، بەزىلەر اﷲ نىڭ پەزلىنى تىلەپ (يەنى تىجارەت قىلىپ) يەر يۈزىدە سەپەر قىلىدۇ، يەنە بەزىلەر اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (يەنى تەھەججۇد نامىزىدىن) قۇلاي بولغاننى ئوقۇڭلار، (پەرز) نامازنى ئادا قىلىڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، اﷲ قا قەرزىي ھەسەنە بېرىڭلار (يەنى اﷲ نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل - مال سەرپ قىلىڭلار)، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن (دۇنيادا) قايسىبىر ياخشى ئىشنى قىلساڭلار، اﷲ نىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كاتتا ساۋابقا ئېرىشىسىلەر (دۇنيا بولسا پانىيدۇر، ئاخىرەت بولسا باقىيدۇر ياخشى بەندىلەر ئۈچۈن اﷲ نىڭ دەرگاھىدىكى ساۋاب ھەممىدىن ئارتۇقتۇر)، اﷲ تىن مەغپىرەت تىلەڭلار، اﷲ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر ] - Tafsiran ( Al-Muzzammil 20 )

[ إِنَّ رَبَّكَ يَعْلَمُ أَنَّكَ تَقُومُ أَدْنَى مِنْ ثُلُثَيِ اللَّيْلِ وَنِصْفَهُ وَثُلُثَهُ وَطَائِفَةٌ مِنَ الَّذِينَ مَعَكَ وَاللَّهُ يُقَدِّرُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ عَلِمَ أَنْ لَنْ تُحْصُوهُ فَتَابَ عَلَيْكُمْ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنَ الْقُرْآنِ عَلِمَ أَنْ سَيَكُونُ مِنْكُمْ مَرْضَى وَآخَرُونَ يَضْرِبُونَ فِي الْأَرْضِ يَبْتَغُونَ مِنْ فَضْلِ اللَّهِ وَآخَرُونَ يُقَاتِلُونَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ فَاقْرَءُوا مَا تَيَسَّرَ مِنْهُ وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَقْرِضُوا اللَّهَ قَرْضًا حَسَنًا وَمَا تُقَدِّمُوا لِأَنْفُسِكُمْ مِنْ خَيْرٍ تَجِدُوهُ عِنْدَ اللَّهِ هُوَ خَيْرًا وَأَعْظَمَ أَجْرًا وَاسْتَغْفِرُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ غَفُورٌ رَحِيمٌ ] - المزمل 20