Tempo de Execução (0,00559 segundos)
#64

Interpretation of ( An-Nur 61 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ (جىھادقا چىقالمىسا) ئەماغا گۇناھ يوقتۇر، توكۇرغا گۇناھ يوقتۇر، كېسەلگە گۇناھ يوقتۇر. (ئى ئىنسانلار!) سىلەر ئۆز ئۆيلىرىڭلاردا (يەنى ئەرلىرىڭلارنىڭ، ئاياللىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە) ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ئانىلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، ھەمشىرەڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاتاڭلارنىڭ قېرىنداىشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، ئاتاڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا ئاناڭلارنىڭ ھەمشىرىلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە، يا سىلەر ئاچقۇچلىرىنى باشقۇرىدىغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە (يەنى ئۆي ئىگىسى سىرتقا چىقىپ كېتىپ، ئۆي بىلەن ئاچقۇچنى سىلەرگە تاپشۇرغانلارنىڭ ئۆيلىرىدە)، يا دوستلىرىڭلارنىڭ ئۆيلىرىدە (ئىجازەتسىز) بىرەر نېمە يېسەڭلار گۇناھ يوقتۇر، سىلەر توپلىشىپ يېسەڭلارمۇ، يا يەككە يېسەڭلارمۇ گۇناھ يوقتۇر، سىلەر ئۆيلەرگە كىرگەن چېغىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا (يەنى ئۆيدىكى كىشىلەرگە) اﷲ بەلگىلىگەن مۇبارەك، پاك سالامنى بېرىڭلار، (يەنى ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەڭلار) اﷲ سىلەرنى چۈشەنسۇن دەپ ئايەتلەرنى مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ ] - Interpretation of ( An-Nur 61 )

[ لَيْسَ عَلَى الْأَعْمَى حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْأَعْرَجِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى الْمَرِيضِ حَرَجٌ وَلَا عَلَى أَنْفُسِكُمْ أَنْ تَأْكُلُوا مِنْ بُيُوتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ آبَائِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أُمَّهَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ إِخْوَانِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخَوَاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَعْمَامِكُمْ أَوْ بُيُوتِ عَمَّاتِكُمْ أَوْ بُيُوتِ أَخْوَالِكُمْ أَوْ بُيُوتِ خَالَاتِكُمْ أَوْ مَا مَلَكْتُمْ مَفَاتِحَهُ أَوْ صَدِيقِكُمْ لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَنْ تَأْكُلُوا جَمِيعًا أَوْ أَشْتَاتًا فَإِذَا دَخَلْتُمْ بُيُوتًا فَسَلِّمُوا عَلَى أَنْفُسِكُمْ تَحِيَّةً مِنْ عِنْدِ اللَّهِ مُبَارَكَةً طَيِّبَةً كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ لَعَلَّكُمْ تَعْقِلُونَ ] - النور 61

#65

Interpretation of ( Al-Muddathir 31 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ بىز دوزاخ مۇئەككەللىرىنى پەقەت پەرىشتىلەردىن قىلدۇق، بىز ئۇلارنىڭ سانى بىلەن پەقەت كاپىرلارنى سىنىدۇق، تاكى ئەھلى كىتاب (ئۆزلىرىنىڭ ساماۋى كىتابلىرىدىكى بۇ ساننى كۆرۈپ قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە) ئىمان ئېيتماي، مۆمىنلەرنىڭ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئىشەنگەنلىكلىرىدىن ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرئان خەۋەرلىرىنىڭ تەۋرات، ئىنجىلدىكى خەۋەرلەرگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن) ئىمانى كۈچەيگەي، ئەھلى كىتاب ۋە مۆمىنلەر (بۇنىڭدىن) شەكلەنمەيدۇ، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار)، كاپىرلار: «بۇ مىسالدىن اﷲ نېمىنى ئىرادە قىلىدۇ» دەيدۇ، اﷲ مۇشۇنداق خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ قوشۇنىنى (يەنى پەرىشتىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىنى، ئۇلارنىڭ كۈچ - قۇۋۋىتىنى ۋە ئۇلارنىڭ يارىتىلىشتىكى چوڭلۇقىنى) پەقەت ئۇ ئۆزى بىلىدۇ، بۇ، (يەنى اﷲ بايان قىلغان دوزاخ) پەقەت ئىنسانلار ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر ] - Interpretation of ( Al-Muddathir 31 )

[ وَمَا جَعَلْنَا أَصْحَابَ النَّارِ إِلَّا مَلَائِكَةً وَمَا جَعَلْنَا عِدَّتَهُمْ إِلَّا فِتْنَةً لِلَّذِينَ كَفَرُوا لِيَسْتَيْقِنَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَيَزْدَادَ الَّذِينَ آمَنُوا إِيمَانًا وَلَا يَرْتَابَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ وَالْمُؤْمِنُونَ وَلِيَقُولَ الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ مَرَضٌ وَالْكَافِرُونَ مَاذَا أَرَادَ اللَّهُ بِهَذَا مَثَلًا كَذَلِكَ يُضِلُّ اللَّهُ مَنْ يَشَاءُ وَيَهْدِي مَنْ يَشَاءُ وَمَا يَعْلَمُ جُنُودَ رَبِّكَ إِلَّا هُوَ وَمَا هِيَ إِلَّا ذِكْرَى لِلْبَشَرِ ] - المدثر 31

#66

Interpretation of ( Al-Baqarah 187 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug

[ روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارىلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). اﷲ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى (يەنى روزا كېچىسى يېقىنچىلىق قىلغىنىڭلارنى) بىلدى. اﷲ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، اﷲ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار اﷲ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، اﷲ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ ] - Interpretation of ( Al-Baqarah 187 )

[ أُحِلَّ لَكُمْ لَيْلَةَ الصِّيَامِ الرَّفَثُ إِلَى نِسَائِكُمْ هُنَّ لِبَاسٌ لَكُمْ وَأَنْتُمْ لِبَاسٌ لَهُنَّ عَلِمَ اللَّهُ أَنَّكُمْ كُنْتُمْ تَخْتَانُونَ أَنْفُسَكُمْ فَتَابَ عَلَيْكُمْ وَعَفَا عَنْكُمْ فَالْآنَ بَاشِرُوهُنَّ وَابْتَغُوا مَا كَتَبَ اللَّهُ لَكُمْ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا حَتَّى يَتَبَيَّنَ لَكُمُ الْخَيْطُ الْأَبْيَضُ مِنَ الْخَيْطِ الْأَسْوَدِ مِنَ الْفَجْرِ ثُمَّ أَتِمُّوا الصِّيَامَ إِلَى اللَّيْلِ وَلَا تُبَاشِرُوهُنَّ وَأَنْتُمْ عَاكِفُونَ فِي الْمَسَاجِدِ تِلْكَ حُدُودُ اللَّهِ فَلَا تَقْرَبُوهَا كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَّقُونَ ] - البقرة 187

#61

Interpretation of ( An-Nisa' 43 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug


[ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَقْرَبُوا الصَّلَاةَ وَأَنْتُمْ سُكَارَى حَتَّى تَعْلَمُوا مَا تَقُولُونَ وَلَا جُنُبًا إِلَّا عَابِرِي سَبِيلٍ حَتَّى تَغْتَسِلُوا وَإِنْ كُنْتُمْ مَرْضَى أَوْ عَلَى سَفَرٍ أَوْ جَاءَ أَحَدٌ مِنْكُمْ مِنَ الْغَائِطِ أَوْ لَامَسْتُمُ النِّسَاءَ فَلَمْ تَجِدُوا مَاءً فَتَيَمَّمُوا صَعِيدًا طَيِّبًا فَامْسَحُوا بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُمْ إِنَّ اللَّهَ كَانَ عَفُوًّا غَفُورًا ] - النساء 43

#62

Interpretation of ( An-Nur 58 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug


[ يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لِيَسْتَأْذِنْكُمُ الَّذِينَ مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ وَالَّذِينَ لَمْ يَبْلُغُوا الْحُلُمَ مِنْكُمْ ثَلَاثَ مَرَّاتٍ مِنْ قَبْلِ صَلَاةِ الْفَجْرِ وَحِينَ تَضَعُونَ ثِيَابَكُمْ مِنَ الظَّهِيرَةِ وَمِنْ بَعْدِ صَلَاةِ الْعِشَاءِ ثَلَاثُ عَوْرَاتٍ لَكُمْ لَيْسَ عَلَيْكُمْ وَلَا عَلَيْهِمْ جُنَاحٌ بَعْدَهُنَّ طَوَّافُونَ عَلَيْكُمْ بَعْضُكُمْ عَلَى بَعْضٍ كَذَلِكَ يُبَيِّنُ اللَّهُ لَكُمُ الْآيَاتِ وَاللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٌ ] - النور 58

#63

Interpretation of ( Yunus 24 ) in Uughur by Muhammad Saleh - ug


[ إِنَّمَا مَثَلُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا كَمَاءٍ أَنْزَلْنَاهُ مِنَ السَّمَاءِ فَاخْتَلَطَ بِهِ نَبَاتُ الْأَرْضِ مِمَّا يَأْكُلُ النَّاسُ وَالْأَنْعَامُ حَتَّى إِذَا أَخَذَتِ الْأَرْضُ زُخْرُفَهَا وَازَّيَّنَتْ وَظَنَّ أَهْلُهَا أَنَّهُمْ قَادِرُونَ عَلَيْهَا أَتَاهَا أَمْرُنَا لَيْلًا أَوْ نَهَارًا فَجَعَلْنَاهَا حَصِيدًا كَأَنْ لَمْ تَغْنَ بِالْأَمْسِ كَذَلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ ] - يونس 24